بىزدىكى تۈركىيە ساراڭلىقى تارقىتىڭلار ئۇيغۇرۇرۇم
2014-09-07 نى بېسىڭ Uymagzin
بىزدىكى تۈركىيە ساراڭلىقى تارقىتىڭلار ئۇيغۇرۇرۇم
كالا قوينىڭ ئېغىلىغا كېلىپ مۆرەپ بېرىپتىكەن، قويلار ھاياجانلىنىپ ئۆزلىرى يەيدىغان ئوت چۆپلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلىدىن كالىغا ھەدىيە قىپتۇ. ئەمما بۇ ئاقكۆڭۈل قويلار نۇرغۇن قېرىندىشىنىڭ ئوت چۆپلەرگە تولىمۇ ئېھتىياجىلق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. قويلارنىڭ قارىشىچە بولغاندا كالىجان شۇنچە يىراقتىن كېلىپ ئۇلارغا مۆرەپ بەرگەنىكەن چوقۇم ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلماي بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالا بىلەن قويلار يېقىن ئۇرۇق تۇغقان بولغاچقا ئۇلارغا قانچە قىلساق ئەرزىيدۇ دەپ قارايدىكەن.
ئاپتورى: ئابدۇسەمەت ئىمىن كۆك تېكىن
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارى خۇددى ئىگىسى يوق بىر توپ پادا بىر ئۆچكە نەگە باشلىسا شۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغاندەك، تۈركىيە چايلىرىنى ئىچىپ، تۈركىيىنىڭ كاستيۇملىرىنى كىيىشىپ، تۈرىكىيىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يېگەچ تۈركىيىنىڭ تېلېۋىزىيە فېلىملىرىنى كۆرۈپ تۈركىيە چۈشىنى كۆرۈپ يۈرمەكتە.
......
بىر دەۋرلەردە ‹ئەردوغان كەپتۇ› دەپ يىغلاپ يۈرگىنىمىزدە شۇ ئەردوغان ھازىر يەنىلا ئاناتولىيەنىڭ كەلگۈسى سىخمىسىنى سىزىپ ئولتۇرماقتا، مۇھىملىرىنى ئامانەت قويۇپ، قولغا چىققان نەخنى ئالماقتا. يىغلىغان ھەمشىرىلەرمۇ، گۈل تۇتقان ۋە ‹ئېسىل› ‹ئېسىللارنى› ئىجارە ئىلىپ مىھماندوستلىقىنى بىلدۈرگەنلەرمۇ ئاخىرىدا ئوخشاشلا قولىنى ئېگىز پۇلاڭلىتىپ خىلۋەت مەركىزى ئاسىيادا يالغۇز قالغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كىلىدىغان ئاتامان، ئالىم، دانىشلىرىنىڭ قەدىرىگە يەتمىگەنلىكىنى بىلىپ يەتمەكتە. ئاۋدىنى قوزغاتقاندا باكتا يەنىلا ئۇنچە كۆپ ماينىڭ بولۇپ كىتىشى ناتايىن، بىزگە ئىچىنغانلار يەنىلا شۇ يىراقتا تۇرۇپ، ‹ ئەپسۇسلىنىمىز› دىگەن ئوموملىشىپ كەتكەن كۈلكىلىك ئىبارىنى قايتا قوللىنىدۇ خالاس.
مانا ئەمدى تۈركىيىدىن ناخشىچىلار كېلىشكە باشلىدى، يا پاناھ، سودىگەرلىرىمىز باش قاتۇرۇپ ئەمدى تۈركىيىنىڭ نېمىسىنى ئەكېلىپ باقساق بولۇر دېگەن پىلاننى سوقىدىغان بولدى، بىز بۇنى نېمە دەيمىز؟ چۈشكۈنلۈككە پاتقان، روھىي دۇنياسى قورغاقلىشىپ كەتكەن بىر ئەلنىڭ، سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن، ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلايدىغان قانداقتۇ بىر يېڭىلىقلار، كىملەرنىڭدۇ بىز بىلەن ئۇرۇق تۇققان چىقىپ قېلىشى بىلەن شۇنىڭدىن ئۈمىد ئىلھامىنىپ كېتىش دەيمىزمۇ؟
مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، بىزنىڭكىلەر سىرتنىڭكىنى كۆرسە، بولۇپمۇ مەدەنىيەت سەنئېتى ياۋرۇپا بىلەن تەڭ قەدەمدە كېتىۋاتقان تۈركىيىنىڭ ئۇيۇنلىرىنى كۆرسە، خەلقىمىزنىڭمۇ كۆزى ئېچىلىدۇ، ئارتىستلىرىمىزمۇ ئۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلىدۇ، تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىجابىي تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپ.
ئەمما. مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم، چېكىدىن ئاشقان تۈركىيە ساراڭلىقى، چەتئەلگە بولغان ھەددىدىن زىيادە چوقۇنۇش، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھاقارەت قىلغانغا باراۋەرغۇ ئاخىر؟!
بىر مەزگىل ئۆزبىكلەرگە مەستانە بولۇپ يۈردۇق. بىر مىللەت بىز، تىلىمىز ئۇنداق ئوخشاش مۇنداق يېقىن دەپ يۈرۈپ مەستانە بولۇپ يۈرگىنىمىزدە، بىلمىدۇقكى، خەق ماڭدامدا بىر كەينىمىزدىن پىچاق ئۇردى، قىزلىرىمىز سەھنىگە چىقىپ ناخشىچىلىرىنىڭ يۈزىگە سۆيگەندە، ئۇ خەق تىللىدى، ھاقارەت قىلدى، ئاشۇ قىزنى ئەمەس، پۈتكۈل مىللەتنى ھاقارەت قىلدى.
يەنە بىرى، دىيارىمىزدىكى بۇ خىلدىكى ئۇيۇنلارنىڭ بېلەت باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوقىرىلىقى. تۆت ناخشىچىنىڭ سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىپ بەرگىنىگە 800 سومدىن بېلەت سېتىلسا، خەلقىمىز شۇنچىلا بېيىپ كەتتىما؟
سىز گۇاڭجۇغا ياكى شاڭخەي، شېنجېنلارغا بېرىپ قالسىڭىز، دۇنيا باغچىسى ئىچىدە قويۇلىدىغان، بېلەت باھاسى 120 يۈەندىن سېتىلىدىغان بىر قېتىملىق ئۇيۇننى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. 1000 دەك ئادەم نۆۋەتلىشىپ سەھنىگە چىقىپ ئورۇنلايدىغان بۇنداق چوڭ ئۇيۇننى كۆرسىڭىز، ھە ، ئەسلىدە ئۇيۇن دېگەن مۇنداق بولىدىكەن دەپ قالىسىز، سەھنە ئالدىدا 30 مېتىر ئىگىزلىكىتىن چۈشىدىغان شاقىراتما، ئۈچ قەۋەتلىك سېتېرىئولۇق لايىھىلەنگەن ھەرىكەتچان سەھنە، ئۇسۇل تىلى ئارقىلىق سۆزلىنىۋاتقان تارىخ ، مەدەنىيەت ۋە غايە،...ئەقلىڭىزنى لال قىلىدۇ. شۇنچىلىك دەبدەبىىك ۋە ھەيۋەت مەنزىرە، باشتىن ئاخىرغىچە جۇشقۇن كەيپىيات!
ئەمدى ماۋۇ چولپانلار نېمە قىلىدۇ دېسىڭىز، مۇزىكا باشلىنىپ خېلى ۋاقتقىچە ئۆزىنى كۆرسەتمەي تازا تەقەززا قىلىدۇ، ھارغىچە چاۋاك چالغۇزىدۇ، ئاندىن بىر چاغدا سەھنىگە يۈگرۈپ چىقىپ، ئادەم چۈشەنمەيدىغان تىلدا بىر نىمىلەرنى ناخشا دەپ ئوقۇيدۇ. ئۈن قويغۇچتا قويۇپ ئاڭلىسىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئاشۇ ناخشىلىرىنى قۇلاقنى پاڭ قىلىدىغان ئاشۇنداق ۋاراڭ چۇرۇڭ مۇھىتتا ق