ئەنگىلىيىلىك بىر كىشىنىڭ قەبرىسىدە مۇنداق بىر ئابزاس سۆز يېزىلغان : ياش ۋە ئەركىن ۋاقىمدا،تەسەۋۋۇرۇم ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايتتى،مەن دائىم پۈتۈن دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئويلايتتىم. مەن ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلىپ، پاراسەتكە تولغان ۋاقتىمدا ، دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،شۇنىڭ بىلەن مەن نەزىرىمنى تارايتىپ ،ئۆز دۆلىتىمنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلدىم. بىراق دۆلىتىمنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالدىم. ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئائىلەمنى، ئۆزۈمنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلدىم. بىراق ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنى قوبۇل قىلمىدى. ھازىر جان ئۈزۈش ئالدىدا توساتتىن شۇنداق تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم :« ئەگەر دەسلەپتە ئۆزۈمنى ئۆزگەرتكەن بولسام، ئارقىدىن ئائىلەمدىكىلەرنى ئۆزگەرتەلەيتتىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئىلھام بېرىشى ئارقىسىدا،دۆلىتىمنى ئۆزگەرتەلەيتتم. ئاندىن، كىم بىلىدۇ ، پۈتكۈل دۇنيانىمۇ ئۆزگەرتىپ كېتەلەمدىم تېخى!
ھەرقانداق ئىشنى ئۆزى ياخشى قىلسىلا باشقىلارمۇ سىزگە ئەگىشىپ قىلىدۇ ئۆزىگىز ھىشقانداق ئىشنى كىلىشتۇرۇپ قىلالماي تۇرۇپ باشقىلار غا ئۆگەتگۇچى بولالمايسىز،