سېنى سىغىندىم چاڭئەن. بەش يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە مەن مەۋجۇتلىقىمىزنى تونۇغانتىم؛ تۆت يىل بۇرۇنىدا ھايات يولۇمنى ھەقىقى تاللاپ بىكىتكەنتىم؛ ئۈچ يىل بۇرۇن ھاياتىمدىكى ئەڭ شاتلىق كۈلكىلەرنى كۈلگەنتىم؛ ئىككى يىل ئاۋال بولسا ئەڭ شىرىن ۋە تولىمۇ لەززەتلىك يىغىلارنى يىغلىغان؛ دەل سېنىڭ قوينۇڭدا مەن شۇ توغرا يولغا نىسىپ بولغانمەن. سېنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىڭ مەن ۋە ماڭا ئوخشاش يۈرىكى لاۋۇلداپ كۆيگەنلەرنىڭ ھالال لەۋزى بىلەن تولغان ۋە بىز قالدۇرغان ئىزلارغا شاھىت بولغان. بىر يىل ئاۋالقى مۇشۇ كۈن، مەن پەقەت سەن ۋە سەندىكى ئەزىزلەرنى ئەسلەش ئىچىدە بەخت ھىسلىرىغا چۆمگەنتىم.
مانا بۈگۈن سېنى سىغىندىم چاڭئەن! سەندىكى شۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى، غايە- نىشانلىرىمنى سىغىندىم!سەندىكى شۇ باتۇرلىقىمىزنى، غەيرىتىمىزنى سىغىندىم، سەندىكى شۇ ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىقنى سىغىندىم،قەلبلەرگە ھوزۇر بولغان ھەقىقى مىھىرنى سىغىندىم.باغرىڭدا قالدۇرغان ھەر بىر ئىغىز سۆز، كەلگۈسىگە كۈلۈپ باققان ھەر بىر جۈپ نۇرانە كۆزنى سىغىندىم! ئىسىڭدىمۇ؟ بىز دەل سەندە ۋەدە بېرىشكەن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم ئېلىپ ماڭىمىز دېيىشكەن، مەڭگۈ ئۆلمەس قەلىبلەر مانا بىز دېيىشكەن!!! بۈگۈن، توختىماي ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرتۈپ تۇرۇپ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن،تەنھا ھىسلىرىمنى يىزىققا ئايلاندۇرۇپ سەن بىلەن سىرداشماقتىمەن. بىلەمسەن، يالغۇزلۇق تولىمۇ يامانكەن، قۇرۇق قوللىرىمغا قارىغىنىمدا ئەينى چاغدىكى ۋەدىلەر ئۈستىدىكى شۇ جۈپ-جۈپ قوللارنى ئەسكە ئالدىم،كەلگۈسىدىكى ھەم ياخشىلىققا ماڭغان ئۆزئارا تۇتۇشقان جۈپ-جۈپ قوللارنى خىيال قىلدىم، ئىيتقىنە، بىزگە نىسىپ بولارمۇ؟ بۈگۈن، بىز ھايات غىمىدە، سەن ۋە سەندىكى ئۆزىمىزنى ئۇنۇتقان، سەندىكى ۋەدىمىز،تاللىشىمىز، ئارزۇلىرىمىز ۋە نىشانىمىزنى ئەسلا ئۇنۇتقان بەلكى يوقاتقان...بىلەمسەن، ئىنسان شۇ قەدەر ئاجىز بولىدىكەن، شۈنچىلىك كۈچلۈك بولۇشنى ئويلايدىكەنيۇ لىكىن ئۇنىڭغا نىسىپ بولۇنمايدىكەن.چۈنكى ئىنسان، كۈچلۈك نە مەنا؟ ھەم شۇنى ئۇنۇتقان،تىرىشىش يوق ئىنتىلىش يوق…
بىلەمسەن، ئېغىر ئۇھسىنىشلىرىمىزنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ نالە-پەريادلىرىمىزنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟؟؟