ھېكايەت
پادىشاھ قاتتىق سوغۇق كېچىلەرنىڭ بىرىدە قەسىرىگە قايتىپ كەپتۇ ، ئۇ دەرۋازا تۇۋىدە يېلىڭ كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرغان ياشانغان دەرۋازىۋەننى كۆرۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن : توڭلىمىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ .
دەرۋازىۋەن : ھەئە ، توڭلاۋاتىمەن بېراق سوغۇقتىن دالدا بولغىدەك قېلىن كىيىملىرىم يوق شۇڭا بۇنىڭغا چىدىماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق دەپتۇ .
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ : مەن ھازىر قەسرىمگە كىرىپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ بىرىگە سىزگە قېلىنراق كېيىم ئەچىقىپ بېرىشىنى تاپىلايمەن دەپ ۋەدە بېرىپ كېتىپ قاپتۇ .
دەرۋازىۋەن بوۋاي پادىشاھنىڭ بۇ ۋەدىسىدىن ناھايىتىمۇ بەك خۇشال بوپتۇ، لېكىن پادىشاھ قەسىرىگە كىرىپلام بوۋايغا قىلغان ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ .
ئەتىسى ئەتىگەندە كىشلەر دەرۋازىۋەن بوۋاينىڭ سوغۇقتا توڭلاپ بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقانلىقىنى ، ئۇنىڭ يان تەرىپىدە « پادىشاھ ئالىيلىرى !!! مەن ھەر كۈنى كېچىسى سوغۇققا قەيسەرلىك بىلەن چىداپ كېلىۋاتاتتىم ئەمما سېلىنىڭ ئاخشام قېلىن كېيىم ئاچىقىتۇرۇپ بېرىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىلىرى مەندىن كۈچ - قۇۋۋىتىمنى تارتىۋالدى ۋەمېنى ئۆلتۇردى » دەپ ئىرماچ - چىرماچ قىينىلىپ يېزىلغان بىر پارچە خەتنى بايقاپتۇ .
خۇلاسىە :
سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ۋەدىڭىز ئۇلارغا سىز ئويلىغاندىنمۇ بەكراق مۇھىم بولىشى مۇمكىن ، شۇڭلاشقا بەرگەن ۋەدىڭىزگە خىلاپلىق قىلـماڭ چۈنكى سىز شۇ سەۋەپلىك نېمىلەرنى يوقىتىۋىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلـمەيسىز .