بىر ئىنسان بەختكە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، بەك ئەقىلىقمۇ، بەك ئەخمەقمۇ بولماسلىقى كېرەك، دېمەك ئەقىللىق بىلەن ئەخمەقلىق ئۇتتۇرىسىدىكى ھالەت ئەڭ ئاقىلانىلىق، يەنى بۇ ئەقىل-پاراسەتتۇر.
ئەقىلىيە سۆز: سەن بەك ئەقىللىق بولۇپ كەتسەڭ كىشىلەر ئاسانلا سەندىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ياكى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئەخمەق بولساڭ سېنى كولدۇرلىتىدۇ، دېمەك ھەر ئىككىلىسى سەمىمىيلىكتىن يىراق…
شۇڭا بەزىدە ئەتراپقا ئېنىقسىزراق مۇئامىلە قىلغانمۇ ياخشى.
ئادەم ئىشلىتىش پاراسىتى: ئالدى بىلەن دانىشمەن، كېيىن ئېسىلزادىلەر، ئۇنىڭدىن قالسا پاراسەتسىزلەر بولسىمۇ ھەرگىز تېگى پەس قەبىھ كىشىلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى كىشىلەر داۋاملىق ئۇچىغا چىققان ناچار ئادەملەردىن ياخشى سۈپەت بولىۋالغان ساختىپەزلەر قۇرقۇنچلۇق دەيدۇ.
سۆيگۈڭ بولمىسا ئۆزىڭنى تارت، سۆزلىگۈڭ كەلمىسە ئاغزىڭنى يۇم، نەپرىتىڭ بولمىسا كۆڭۈل-كۆكسىڭنى كەڭ قىل. چۈنكى ھەممە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھەرقانداق ئىشتا جاھىللىق قىلىشنىڭ ئورنى يوق.