ياشلىغىمنى ۋەيران قىلدىڭ ئەي تىلفۇن
ئەقلى-ھوشۇمنى ھەيران قىلدىڭ ئەي تىلفۇن،
كىتاپ چۈشمەس قوللىرىمدىن ئورۇن ئالدىڭ
ھاياتىمنى بەربات قىلدىڭ ئەي تىلفۇن .
،
سىنىڭ بىلەن مەھھۇم ھايات باشلىۋەتتىم
يېنىمدىكى دوسلىرىمنى تاشلىۋەتتىم ،
تىلفۇن پۇلۇم ۋەياكى تور تۈگەپ كەتسە
ساڭا ئاتاپ ئاچ يۈرسەممۇ خەجلىۋەتتىم .
،
كىچە-كۈندۈز قوللىرىمدىن چۈشمىدىڭيا
سىنىڭ بىلەن كۆكتە بىررەت ئۇچمىدىميا ،
قۇلۇم بارماس سىنى قۇيۇپ باشقا ئىشقا
ئۆزەمچە شۇ قول ئىلكىمدە پۈتۈن دۇنيا .
،
تىلفۇن ئويناپ كىسىپ ئۆتتى يولنى بىرى
غاراس قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى خېلى نېرى،
دىمەك ئاللاھ غەزەپ قىلدى بۇ قىلمىشقا
ھىچقانچە ئەمەس قەدىرلەيلى بىزدە بېرى .
،
ئېچىشمامدۇ يۈرەك ئۆتكەن ئۆمرىڭىزگە
شەيتان چىقسا كۆڭۈل تەختى تۆرىڭىزگە،
قانداق چىداپ تۇرالايسىز غەپلەت باسقان
ئەھمىيەتسىز لاياقەتسىز كۈنلىرڭىزگە .
،
ئۈندىدار دەپ بىر دۇنياغا چۈكۈپ كەتتىم
ئۇندىن باشقا ئىشىم يوقتەك ئۆتۈپ كەتتىم،
ئاتا-ئانام مەندىن كۈتكەن ئۆمۈتلەرنى
شۇ سەۋەبلىك بارا-بارا ئۇنتۇپ كەتتىم .،
،
دوسلار ئارا باردى-كەلدى يوقاپ كەتتى
چۈنكى سالام ئۈندىداردا بولاپ كەتتى ،
دوس-قېرىنداش ، ئۇرۇق-تۇققان نەدە قالدى
ئۈندىدارغا يېڭى تورداش تولاپ كەتتى .