مېنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىمنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدە كىم دەماللىققا ئىشىنىپ بولالماي ، كىم كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي مەن ئۈچۈن ھازا ئېچىپ يىغلار ؟ كىممۇ مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن مىنۇتلارنى خىيال قىلىپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىچىدە بۇ خەۋەرنىڭ يالغان بولۇپ قېلىشى ، كۆزىنى ئاچقاندىن كىيىن يەنە مېنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلايدىغان يۈزۈمنى كۆرۈشنى مىڭ قېتىملارچە تىلەپ تۇرۇپ كۆزىنى ئېچىپ مېنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى بولغان شۇ سوغۇق جەسەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئازاپلىنىپ ياش تۆكەر ؟
مەن ئۆلۈپ بىر ھەپتىدىن كىيىن كىممۇ مېنىڭ سۈرىتىمگە قاراپ مېنىڭ بۇ دۇنيادا قالدۇرغان ئىزلىرىمنى ئەسلەر ؟ كىممۇ مېنىڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن بويۇملىرىمنى قايتا - قايتا كۆرۈپ مېنى ھېلىمۇ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت دەپ تەسەۋۋۇر قىلار ؟ يەنە كىممۇ كېچىلىرى ئۇخلاۋىتىپ تۇيۇقسىز مەن يادىغا يىتىپ سېغىنىش بىلەن تاڭلارنى ئاتقۇزار ؟
مەن ئۆلۈپ بىر ئايدىن كېيىن كىممۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا بۇرۇن ئۇنىڭ دۇنياسىدا مەندەك بىرسىنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالار ؟
مېنىڭ ئاۋازىم ، ھاڭۋاقتىلارچە پاڭقىيىپ تۇرۇشلىرىم ، ئاۋازلىرىم قېيىپ كەتسىمۇ پەرۋاسىزلارچە ناخشا ئېيتىشلىرىم ، ئەركىلەپ دومسىيىشلىرىم ، بالىلارچە مىجەزلىرىم ، بىغەم قىياپىتىم ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ يىغلاشلىرىم ، جىلە بولغاندا يەرگە تىپچەكلەشلىرىمنى ئېسىگە ئېلىپ مەن ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆكەر ؟
مەن ئۆلۈپ بىر يىلدىن كېيىن كىممۇ ھېىيت -بايراملاردا مەندەك بىرسىنى ئېسىگە ئېلىپ : " ھەي ، ئەگەر ئۇ بولغان بولسا قانچە ياخشى بولاتتى ھە — ؟! " دەپ ئۇھسىنىپ قويار ؟ كىممۇ مەن ياشاپ ئۆتكەن يەرلەردىن ئۆتكىنىدە ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى توختۇتۇپ ئەسلىمىلەر ئىچىدە كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالار ؟ كىممۇ مېنىڭ نىمىگە ئامراق ، نىمىگە ئۆچلىكىمنى ئويلاپ سېغىنار ؟ كىممۇ مېنى سېغىنىپ دۇئالىرىدا ئۈنسىز ياش تۆكەر ؟ كىم ؟ زادى كىم ؟ يەنە كىممۇ مەن ئۈچۈن كۆڭلىدىن كىچىككىنە ئورۇن بىرىپ ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرار ؟ كىم ؟ زادى كىم ؟